خەنزۇچە خەت پېنيىنى ئۈستىگە تون بەلگىسى چىقىرىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى:
خەنزۇچە خەت پېنيىنى ئۈستىگە تون بەلگىسى چىقىرىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى:
كومپىيۇتېرىمىز خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش ھالىتىدە تۇرغان ۋاقىتتا ، ئەقىللىق ABC كىرگۈزۈش ئۇسۇلى(智能ABC输入法)دىن پايدىلىنىپ ،ناھايىتى ئاسانلا خەنزۇچە خەت پېنيىنى ئۈستىگە تون بەلگىسى قىستۇرالايمىز .(دىققەت :چوڭ يېزىش چىرىقى يېنىپ قالمىسۇن )
يەنى :يۇقىرىقى ھالەتتە كونۇپكا تاختىسىدىن V8 نى باسساقلا ،بارلىق يۈنمۇلارنىڭ ئۈستىگە تون بەلگىسى قويۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز ،خالىغىنىڭىزچە تاللىۋېلىڭ .
V1 نىڭ رولى : بارلىق تېنىش بەلگىلىرىنى چىقىرىپ بېرەلەيدۇ .
V2 نىڭ رولى : خەنزۇچە رەقەم ،ئەرەب رەقىمى ،رىم رەقىمىنى تىزىملىكتىكى قىستۇرۇش بۇيرۇقىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق .
V3 نىڭ رولى : ئەگەر سىز كونۇپكا تاختىسىغا تولا قاراپ چارچاپ كەتكەن بولسىڭىز ، ئىككى كونۇپكا باسسىڭىزلا كونۇپكا تاختىسىدىكى ھەممە بەلگىلەر ئېكراندا نامايەن بولىدۇ .