Google سۆزىنىڭ مەنىسى-تور دەرىسخانىسى-مىڭبۇلاق تور پونكىتى
باش بەت قىلىڭ】 【قوشۇۋىلىڭ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:تور دەرىسخانىسى >> كومپيۇتېر بىلىملىرى >> Google سۆزىنىڭ مەنىسى



2008-09-11 16:22:03  يوللىغۇچى :  مەنبەسى:UyghurWeb  كۆرۈلىشى:466  خەت چوڭلىقى:【چوڭ】【ئوتتۇراھال】【كىچىك


  •   Google شىركىتى 1997-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزدەش ماتورىنى ئاساس قىلغان تور ساھەسىدىكى داڭلىق بىر شىركەت. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە Google نىڭ كۈندە بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىزدەش تەلىپى 200 مىليون قېتىمدىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ سان داۋاملىق ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ.

Google سۆزىنىڭ مەنىسى

Google شىركىتى 1997-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزدەش ماتورىنى ئاساس قىلغان تور ساھەسىدىكى داڭلىق بىر شىركەت. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە Google نىڭ كۈندە بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىزدەش تەلىپى 200 مىليون قېتىمدىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ سان داۋاملىق ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ. Google نىڭ ساندىنىدا تەخمىنەن 3 مىلىيارتتىن كۆپرەك تور (Web) ھۆججىتى ساقلانغان بولۇپ پۈتۈن تىكىست [Full Text]لىك ئىزدەش ماتورىغا تەۋە.

Google دا كۆپ تىلدىكى مەزمۇنلارنى ئىزدىگىلى بولىدۇ، مەشغۇلات يۈزى 30 نەچچە تىلدا ئىشلەنگەن. سىز ھەر قانداق ۋاقىتتا مەشغۇلات يۈزىنى ئۆزىڭىز خالىغان تىلغا تەڭشىيەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 40 نەچچە دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئىزدەش ماتورى تەمىنلىنىلگەن.

Google نىڭ يەنە «ئۆمۈچەك»  پروگراممىسى بولۇپ ئۇ «Googlebot» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ توردىكى ئىنتايىن ھەرىكەتچان، جانلىق ۋە ئاكتىپ بولغان تور بېكەت نۇسخىلايدىغان، يېڭى تور بېكەت تاپىدىغان ئەڭ ئېسل بىر قۇرالدۇر. Google ھەر 28 كۈندە بۇ «ئۆمۈچۈك» پروگراممىسىنى مەلۇم بىر IP دائىرىسى ئىچىدىكى يېڭى بېكەتلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. دېمەك سىز يېڭى بېكەت قۇرغان بولسىڭىز، بېكىتىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ Google غا تىزىملانغىچە بولغان ۋاقت ئۈچ ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. Google نىڭ تىزىملاش دەۋرىلىكىنى 3 ھەپتە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەمدى تېمىمىزغا كىلەيلى. Google  دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟  ئۇ قانداق كەلگەن؟
Google سۆزنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت.

بىرسى: بۇ سۆز Googol سۆزىنىڭ خاتا يىزىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دېگەن قاراش بولۇپ، Googol دېگەن بۇ سۆز 10 نىڭ 100 ىنچى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ  1 نىڭ كەينىگە 100 نۆل قويۇلۇپ يىزىلىدۇ.

Googol نى ئامېرىكىلىق ماتىماتىكاشۇناس Edward Kasner نىڭ 9 ياشلىق جىيەنى Milton Sirotta  كەشىپ قىلغان. كىيىن ماتىماتىكاشۇناس Edward Kasner ۋە James Newman نىڭ «Mathematics and the Imagination»  دېگەن ئەسىرىدە ئىشلىتىلگەن(نەقىل كەلتۈرۈلگەن). Google شىركىتىنىڭ بۇ سۆزنى تاللىشى مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ توردىكى چەكسىزلىگەن ماتېرىياللارنى بويسۇندۇرۇستىن ئىبارەك كۆچلۈك ئىرادىسى ئەكىس ئەتتۈرسە كېرەك.

ئۇنداقتا Google شىركىتى نېمە ئۈچۈن Googol دېگەن سۆزنى تاللىمىغان؟  ئۇلارنىڭ بۇ سۆزنى تاللىماسلىقى بەلكىم نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە Google شىركىتى Google.com نى تىزىمغا ئالدۇرغان چاغدا Googol.com ئاللىبۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ بولغانمۇ ئىدى.

Google سۆزنىڭ يەنە بىر مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
G ھەرىپى «قول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، oo بولسا كۆپ دائىرىنى بىلدۈرىدۇ، L بولسا «ئۇزۇنلۇق، ئۇزۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، E بولسا «چىقىرىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.  بۇلارنى بىرىكتۈرگەندە بىلدۈرىدىغان مەنىسى: بىز مەيلى قەيەردە ئىزدىمەيلى بىزگە بىز ئىھتىياجلىق بولغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر توپ ئىرىشمەكچى بولغان ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمىسىمۇ Google نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى. بىز مەلۇم بىر ماتېرىيالغا ئىرىشمەكچى بولساق ناھايىتى كۆپ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

Google سۆزى ھازىر يەنە «ئىزدەش» دېگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن «Google Something» نىڭ مەنىسى «مەلۇم بىر نەرسە ئىزدەش» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆز ھازىر ئىنگىلىز تىلى لۇغەتلىرىگىمۇ مۇشۇ مەنىدە كىرىشكە باشلىماقتا.
 
مەنبەسى : Uyghurweb مۇنبىرىدىن Uyghurweb يازمىسى

0

顶一下

0

踩一下

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار :

مەكتىپىمىز | بىكەت ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ

  • نەشىر ھوقۇقى مىڭبۇلاق تور پونكىتىغا تەۋە
  •     新ICP备06001001号    MengBulak Web Site