نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:مىڭبۇلاق مەكتىپى >> مىڭبۇلاق ھەققىدە >> مەكتەپنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات ئەھۋالى
ئىلى مىڭبۇلاق كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپى 2000- يىلى 1- ئايدا غۇلجا ناھىيىسىدە ئىزدىنىش روھىغا باي، يىراقنى كۆرەر، تەدبىركار مائارىپچى ئۆمەرجان قادىرنىڭ تىرىشچانلىقىدا << ئاكا - ئۇكىلار تەربىيىلەش مەركىزى >> نامى بىلەن قۇرۇلغان. 2004- يىلى << مىڭبۇلاق>> تاۋار ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، غۇلجا شەھەر مەركىزىدە << مىڭبۇلاق كومپيۇتېر ۋە تىل تەربىيىلەش مەركىزى >> نامىدا قۇرۇلدى. مەكتەپ قۇرۇلغان سەككىز يىل جەريانىدا كومپيۇتېر، خەنزۇتىلى، ئىنگىلىزتىلى ۋە روس تىللىرى بويىچە 6500 دىن ئارتۇق ياشنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئىستىقبال يولىنى تېپىۋىلىشىغا يېشىل چىراق ياقتى.
مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەرجان قادىر ئارقا - ئارقىدىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن 2004-يىلى << شىنجاڭدىكى 100 نەپەر ئىگىلىك تىكلەش ماھىرى >> بولۇپ باھالاندى. 2008- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش كارخانچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەزالىقققا قوبۇل قىلىنىپ <<ئىلى ئوبلاستى بويىچە 10مۇنەۋۋەر ياش >> شان - شەرىپىگە ئېرىشتى.
بۇ مەكتەپ 2007- يىلى جوڭگۇ پۇقراۋى مائارىپ ئىلمى جەمئىيىتى تەرىپىدىن مەملىكىتىمىز پۇقراۋى مەكتەپلىرى ئارا << ئىككىنى كاپالەتلەندۈرگەن ئۈلگىلىك ئورۇن >> دېگەن شەرەپلىك نامغا ۋە دائىمى ئەزالىق ئورۇن شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇ مەكتەپ تەربىيىلەش مەركىزىدىن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكىدەك كومپيۇتېر ئوقۇتۇش رايۇنى، تىل ئوقۇتۇش رايۇنى ۋە ياتاق رايۇنىدىن ئىبارەت 3000 كۇۋادرات مېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە، 38 نەپەر سەرخىل ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىسى بولغان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن ئورۇنغا ئايلاندى.
نەتىجىدە مەكتەپ 2008- يىلى ئىلى ئوبلاسىتلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن رەسمى << ئىلى مىڭبۇلاق كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى>> بولۇپ قۇرۇلدى.
0
顶一下0
踩一下مەزكۇر بەت ئادرىسى:http://www.mengbulak.com/mengbulak/2008/0827/mengbulak_1.php
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار :